باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كادىرلارنىڭ ياردىمى ئىشچىلارنى سۆيۈندۈردى

2014.11.11 15:50   مەنبە: خەلق تورى

كادىرلارنىڭ ياردىمى ئىشچىلارنى سۆيۈندۈردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بىڭتۇەن 3- شى پەيزاۋات باش مەيدان 8- لىيەندىن روزىھاجى نەزەر، مەلىكە روزى خەۋىرى: بىڭتىۋەن 3-شى پەيزاۋات باش مەيدان پارتىكۇمى كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە قىيىنچىلىقى بار ئىشچىلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىش، ھەممە بىر نىيەتتە ئىگىلىك يارىتىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كادىرلار بىلەن ئىشچىلارنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

  خىزمەت ئەترىتى، باش مەيداندىكى سىياسىي قانۇن ئىشخانىسى، ئىشچىلار ئويۇشمىسى، ئەمگەك ئىش ھەققى بۆلۈمى، خەلق قۇراللىق بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن 50 نەپەر ھەر مىللەت كادىر، 60 تىن ئارتۇق ھەرمىللەت ئاممىسى يېقىندا مەيدان پارتكومىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ تۆۋەندە چېنىقىش، نامرات ئىشچىلار ئاممىسى بىلەن ھەمنەپەس بولۇش پائالىيتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق باش مەيدان 8- لىيەنىدىكى ئەمگەك كۈچى يوق كىۋەز تېرىشكە ئامالسىز قالغان نامرات ئىشچى ئايىمنىسا ئوسمان، لى خۇڭيى، لى شۇلىيەنلەرنىڭ 75 مو يېرىدىن 25 مىڭ 650 كىلوگىرام كېۋىزىنى تېرىپ بەردى.

  ئىشچى ئايىمنىسا ئوسمان مۇنداق دېدى: «يولدىشىمنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكەچكە ئېغىر نەرسىنى كۆتىرەلمەيتى، قولىمىزدا يېتەرلىك پۇل، ئەمگەك كۈچى بولمىغاچقا كېۋەز تەرگۈزۈشكە ئامالسىزقالغاندا مەيدان پارتكومىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ياردەم بىرىپ 6750 كىلوگىرام كېۋىزىمنى تېرىپ بەردى، پارتىيەگە، كادىرلارغا كۆپ رەھمەت!»

  سۈرەتتە: كادىرلار بىلەن ئىشچىلار ھەمكارلىشىپ كېۋەز تىرىمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز