باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ، ئىران ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچ تەرەپنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى مەسقاتتا ئاياغلاشتى

2014.11.12 16:37   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئامېرىكا ، ئىران ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچ تەرەپنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى مەسقاتتا ئاياغلاشتى

  ئامېرىكا، ئىران ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچ تەرەپنىڭ ئىككى كۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى 10- نويابىر كەچ ئومماننىڭ پايتەختى مەسقاتتا ئاياغلاشتى . ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ، ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زالىف ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتون قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى . يىغىنغا قاتناشقۇچى ھەر قايسى تەرەپلەر يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزمىدى ، باياناتمۇ ئېلان قىلمىدى . يىغىنغا قاتناشقان بىر ئىرانلىق ئەمەلدارىنىڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارلىشىچە ، ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتە نۇقتىلىق ھالدا ئىراننىڭ ئۇران قۇيۇلدۇرۇش ھەرىكىتى ۋە ئىراققا قارىتا جازالاش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىلگىرلەش بولمىغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز