شىنجاڭلىق يىگىت ئادىل مەمەتتۇراقنىڭ چاڭشادا شىركەت قۇرۇپ ماتاڭ سودىسى قىلىۋاتقانلىقى پۈتۈن مەملىكىتىمىز خەلقىگە مەلۇم . 11-نويابىر 21 سائەت ئىچىدە ئۇنىڭ شىركىتى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنلىك سودا قىلدى . –كەچۈرۈڭ ، بىز ھازىر زاكاس قوبۇل قىلىش بىلەن بەك ئالدىراش ئىدۇق ، شۇڭا سىزگە بەك كۆپ سۆزلەپ بېرەلمەيمىز، توغرا چۈشىنەرسىز... - دېدى ئادىل مەمەتتۇراق شىركىتىدىكى تىجارەت باشقۇرغۇچىسى زېڭ كې 11-نويابىر سائەت 21 لەردە مۇخبىر ئۇرغان تېلېفوننى ئېلىپ .
بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن ئادىل مەمەتتۇراق قەشقەر يەكەندە ماتاڭچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى ماتاڭ سېتىپ ئالتە بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغان . ئۇ 2010-يىلى سېنتەبىردە خۇنەن چاڭشا تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن .
ئادىل مەمەتتۇراق 2012-يىلى تور تىجارىتى قىلىپ باققان ئىككى خەنزۇ ساۋاقدىشى بىلەن ھەمكارلىشىپ ‹‹تاۋباۋ ›› تورىدا بىر ماتاڭ سېتىش تور دۇكىنى ئاچقان ، كېيىن دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق بىر پىروگرامما شىنجاڭنىڭ ماتىڭىنى تونۇشتۇرغان ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سودىسى تېخىمۇ جانلىنىپ كەتكەن . –ھازىر شىركىتىمىزنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى 100گە يېقىنلىشىدۇ ، ئادەتتە بىر كۈندە 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا سودا بولىدۇ ، بۇ يىللىق ‹‹قوش 11 ›› مال سېتىۋېلىش بايرىمى ئۈچۈن بىز 1-نويابىردىن باشلاپلا تاۋباۋ تورىدا تەشۋىق قىلىشنى باشلىغان ، بىز ‹‹قوش 11 ›› دىكى سودا سوممىمىزنى 2 مىليون ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن ، دەپ مۆلچەرلەپ ، 15 مىڭ كىلوگرام ماتاڭ ياسىغانىدۇق ، سائەت 21 گىچە سودا پۈتۈشۈش سوممىمىز 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن بولدى ، ھازىر زاكاز ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ ، مۆلچەرىمىزچە ، سودىمىز 2 مىليونغا يېتىدۇ ، - دېدى زېڭ كې تونۇشتۇرۇپ . تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، ئادىل مەمەتتۇراق شىركىتى سېتىۋاتقان ماتاڭلارنى ئاساسەن دېڭىز بويى شەھىرىدىكىلەر زاكاز قىلغان .