باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە كورىيە باشلىقلىرى سۆھبەتلەشتى

2014.11.12 22:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو كورىيە زۇڭتۇڭى پاكگۈنھې بىلەن 10-نويابىر ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدىكى كەچلىك زىياپەتتە سۆھبەتلەشكەن. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىيە تارماقلىرى ئىدارە باشلىقلىرى دەرىجىلىك كېڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلغان، لېكىن ياپونىيە بىلەن كورىيەنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدە يەنىلا ئىختىلاپى بولغان، كونكرېت ئىلگىرىلەش بولمىغان.

  بۇ ئىككى دۆلەت باشلىقىنىڭ 8 ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم سۆھبەتلىشىشى. ئابې شىنزونىڭ پاكگۈنھې بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكى ھەققىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئەربابى ياپونىيە بىلەن جۇڭگو باشلىقى سۆھبەتلەشتى، كورىيە بۇنىڭدىن جىددىيلىشىپ قالدى، دەپ قارىدى. ئابې شىنزو 11-نويابىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا كەسكىن قىلىپ مۇنداق دېدى: سۆزلىشىش بىر خىل تەبىئىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى، تۈرلۈك مەسىلىلەردە ئۆز-ئارا ئوچۇق ئاشكارا سۆھبەتلەشتۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر