باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەردە 22 تېررورچى سوتلاندى

2014.11.12 23:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 10-نويابىر زوراۋان تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش سوت يىغىنى ئېچىپ، تېررورلۇققا چېتىشلىق 22 كىشىگە ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. بۇ 22 كىشىگە 1-سوتتا 5 يىلدىن 16 يىلغىچە ئوخشاش بولمىغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى.

  بۇ قېتىم ئاشكارا سوتلانغۇچىلار مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلۈندى: 1-، ئامما ياۋا ئاخۇن دەپ قارىغان قانۇنسىز تەپسىر ئوقۇغۇچىلار؛ 2-، دىنىي ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانسىمۇ، يەنىلا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار؛ 3-، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغان دىنىي ئەربابلار. يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇترىتىش، خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئاممىنى توپلاپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، جېدەل -ماجىرا چىقىش، جىنايەت ئۇسۇللىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى بار. ئاشكارا ھۆكۈم چىقىرىش يىغىنىدىن كېيىن قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى جايلاردا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى كۈچىيىپ كەتتى، تۈرلۈك ئېنىق دىنىي ئىدىيەلەرنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار يېزا كەنتلەرگە يامراپ، ئاممىنىڭ ئىدىيەسىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا توسالغۇ بولدى. بۇ قېتىم ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىش دىنىي ساھەدىكى زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشتىكى زور تەدبىر، شۇنداقلا بىر قېتىملىق جانلىق قانۇنچىلىق تەشۋىقات تەربىيە يىغىنى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر