باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قاتناش پۇرسىتىنى تۇتۇپ، تۇرپانغا تېز كېلىپ، ئۇزاقراق ساياھەت قىلىش دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ

2014.11.12 22:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن 11 – نويابىر ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قۇمۇلغا سىناق تەرىقىسىدە قاتنىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇردۇم. پويىز 50 مىنۇتتىلا ئۈرۈمچىدىن 180 كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى. تۇرپان ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن شۇگو يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنى كۆرۈپ ھاياجېنىنى باسالماي مۇنداق دېدى: تۇرپاننىڭ ساياھەتچىلىكى ئاخىر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز دەۋرىنى كۈتۈۋالدى، بىز يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ تۇرپانغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە سۆيۈنچە بېرىمىز!

  يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا پويىز قاتنىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا بارىدىغان ۋاقىت بىر سائەتچە قىسقىرايدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋوگزالى بىلەن تۇرپاننىڭ ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىسىنىڭ ئارىلىقى ئون كىلومېتىرچە بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىش تۇرپاننىڭ ساياھەتچىلىكىدە يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرىدۇ. چېن شۇگو مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى تۇرپان ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت. بىز يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ سۈرئەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تۇپانغا كېلىش ۋاقتىنىڭ قىسقىراپ، ساياھەت قىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرايدىغانلىقىدىن خۇشالمىز.

  تۇرپان ۋىلايىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قاتناش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن 16 – نويابىردىن باشلاپ ‹‹100 كۈنلۈك 100 يۈەنلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. مۇشۇ 100 كۈندە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ تۇرپانغا ساياھەتكە كەلگەنلەر يەنە يۈز يۈەن تۆلىسىلا يارغول قەدىمىي شەھىرى، كارىز، يالقۇنتاغ قاتارلىق 16 ساياھەت نۇقتىسىنىڭ كىرىش بېلىتىنى سېتىۋالالايدۇ، بۇ، ھازىرقى كىرىش بېلىتىنىڭ %60 ئېتىبار باھاسىغا باراۋەر.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ پائالىيەت باشلانغاندىن كېيىن، كوللېكتىپ ساياھەتچىلەر ساياھەت كوپىراتىپىدىن بىۋاسىتە ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدىكەن؛ ئۆز ئالدىغا ساياھەت قىلغۇچىلار تۇرپاندا پويىزدىن چۈشكەندىن كېيىن، تۇرپان ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ساياھەت كوپىراتىپى تەسىس قىلغان مەسلىھەت سوراش نۇقتىسىغا كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ پائالىيەتكە قاتناشسا بولىدىكەن، بۇ ئىككىلا ئۇسۇلدا چوقۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز بېلىتىنى بىرگە ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن.

  چېن شۇگو مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قاتنىغاندىن كېيىن، بىز يەنە ‹‹قىشتىكى بۇيلۇق››، ‹‹ياخشى ئۆرپ – ئادەتلەر›› ۋە ‹‹دېڭىز يۈزى ئېگىزلىكى نۆل نۇقتىدىن باشلانغان ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى›› قاتارلىق يېڭىچە قىشلىق ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە تۇرپان ساياھىتىدىن ئۆزگىچە تەسىرات قالدۇرماقچىمىز.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇرپان ۋىلايىتىدە ساياھەتچى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر يىلدا 6 مىليون ئادەم/ قېتىمغا يەتكەن، بۇ يىل تۇرپانغا 3 مىليون ساياھەتچى كەلگەن، مۆلچەرلىنىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قاتنىغاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەر مۇشۇ ئاساستا %30 كۆپىيىدىكەن.

  تۇرپاندا ھازىر تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا قاتنىشىدىن ئىبارەت قاتناش ئەندىزىسى بارلىققا كېلىپ، تۆمۈريول تاشيول ئايروپورت تۇتاشتۇرۇلغان تېز سۈرئەتلىك قاتناش تورى شەكىللەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر