باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى

2014.11.10 12:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ كاتتىۋېشى ئەبۇبەكرى باغدادىنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى بومباردىماندا يارىلانغانلىقى، ئۇندىن باشقا بۇ تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن كاتتىباشلىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ خەۋەرنى ئىسپاتلىدى، لېكىن بۇ ھۇجۇم يۈز بەرگەن ۋاقىت ۋە ئورۇن قاتارلىق تەپسىلاتلارنى تىلغا ئالمىدى. ئىراق بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقى 7-نويابىر كەچتە بۇ ئۆلكىنىڭ مەركىزى موسۇل شەھىرىدە بىر قاتار ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان، خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى باغدادىنىڭ كالونىغا تەكگەندەك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر