- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئامېرىكىلىقنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى
2014.11.09 12:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن چاۋشيەننىڭ تۇتۇۋالغان ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئامېرىكىلىقنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ھەمدە بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت ئاخبارات باش نازارەت ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: پېي جىنخاۋ بىلەن ماتخېۋ مىللېرنىڭ چاۋشيەندىن ئايرىلىشقا رۇخسەت قىلىندى ھەمدە دۆلەت ئاخبارات باش نازارەتچىسى كلاپپېرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆيلىرىگە قايتتى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پۇساجى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: كلاپپېر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن چاۋشيەن بىلەن ئىككى ئامېرىكىلىقنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى. ئۇ چاۋشيەننىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قارشى ئالدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئامېرىكىلىق پۇقرالارنىڭ چاۋشيەنگە بارماسلىقى ھەققىدىكى كۈچلۈك تەكلىپىنى قايتا تەكىتلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر