باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ تايلاند زۇڭلىسى پرايۇت بىلەن كۆرۈشتى

2014.11.10 15:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا تايلاند زۇڭلىسى پرايۇت بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بىز يېقىندا مىلاندا ياۋرو-ئاسىيا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلىدە كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ۋە كېلىشىملەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلغان ئىدۇق. مەن ئىككى تەرەپنىڭ كېلەر يىلى جۇڭگو-تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى ئارقىلىق ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈپ، «جۇڭگو-تايلاند بىر ئائىلە» دېگەن قاراشنى تېخىمۇ چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى-ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ تۆمۈريول ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا ھەمكارلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا پىرىنسىپ جەھەتتىن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى-ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقتا يېڭى نەتىجىگە ئېرىشىشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.

  پرايۇت مۇنداق دېدى: تايلاند بىلەن جۇڭگو بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايدۇ، تايلاند جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ۋە ئورتاق تونۇشنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆمۈريول، يېزا ئىگىلىك، ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تايلاند-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر