- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بېيجىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا ئاسىيا-تىىنچ ئوكيان ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى
2014.11.10 16:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كەچكۈزدىكى يەنچى كۆلى بويى. لى ۋەنلى فوتوسى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)
2014-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى 9-نويابىر بېيجىڭدا باشلاندى ۋە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: مۇھاكىمە يىغىنى نەق مەيدانى. («خەلق گېزىتى» مۇخبىرى لېي شېڭ فوتوسى)
2014-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىكى مېھمانلار يىغىن مەزگىلىدە ئۆزئارا پائالىيەت ئېلىپ باردى. («خەلق گېزىتى» مۇخبىرى لېي شېڭ فوتوسى)
ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي گەۋدىسى ۋە باشقا دۆلەت، رايونلاردىن كەلگەن 1500دىن ئارتۇق سودا-سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشقا قاتناشتى. («خەلق گېزىتى» مۇخبىرى لېي شېڭ فوتوسى)
ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشى 9-نويابىر ئۆتكۈزۈلدى. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئارزۇسىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، رايونلار ھەمكارلىقى پىلانىنى قانداق تۈزۈش بۇ يىغىنغا قاتناشقان 1500دىن ئارتۇق سودا-سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار شۇنداقلا تىنچ ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 2 مىليارد 800 مىليون ئادەم كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلە.
باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى بۈگۈنكى قارار ۋە ھەرىكەت بەلگىلەيدۇ. بىزنىڭ مۇشۇ رايوندىكى خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار. يىغىنغا قاتناشقان كارخانىچىلار نۇتۇقنى جىمجىت ئاڭلىدى ۋە قۇۋۋەتلىدى، خاتىرە قالدۇردى.
يېڭى دەۋر چوڭ پىلانغا، چوڭ پىلان ئەقىل-پاراسەتكە مۇھتاج. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشىنى يېتەكلەش، خەلقنى تىنچ، باياشاد تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش. گۈللەنگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى مەنزىرىسىنى بېيجىڭدا نامايان قىلىشقا ئورتاق تىرىشىشىمىز كېرەك.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر