باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش تەجرىبىسىنى كېڭەيتىش كېرەك

2014.11.10 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كۆپەيتىشكە ۋە كېڭەيتىشكە بولىدىغان بىر تۈركۈم تەجرىبىلەر شەكىللەندى، نۆۋەتتە 27 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كېڭەيتىلدى، 20دىن ئارتۇق بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن تەجرىبىلەر تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىلمەكتە.

  6-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، %98 جۇڭگو كارخانىسى چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىشتا تەستىقلاتمىسىمۇ بولىدىغان بولدى، چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىشتا تەستىقلاشتىن ئەنگە ئالدۇرغىچە بولغان زور ئۆزگىرىش دەل شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كېڭەيتكەن ئالدىن سىناق قىلىنغان تەجرىبىسى، بۇنىڭ بىلەن شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى كارخانىلارنىڭ چەئەللەردە مەبلەغ سېلىشىغاا كەڭ يول ئېچىپلا قالماي، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يەنە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى چۆرىدەپ، مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، سودىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئاچتى.

  نۆۋەتتە سىناق رايونىدا 27 تۈرلۈك نەتىجە پۈتۈن مەملىكەتتە كېڭەيتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى نەتىجە 13، 1-مارت رويخەتكە ئېلىنغان دەسمايىنى ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمى پۈتۈن مەملىكەتتە كېڭەيتىلدى، يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان كارخانىلار دەسماسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى تاپشۇرمىسىمۇ بولدىغان بولدى، رويخەتكە ئېلىنغان دەسمايىسىنى مەجبۇرى بىر ئاي توختىتىپ تۇرۇپ، بىر ئايدىن كېيىن ئاندىن ئىشلەپچىقىش ۋە تىجارەتكە ئىشلىتىدىغان تارىخقا خاتىمە بېرىلدى، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئىگىلىك يارىتىش قىزغىنلىقى قوزغىتىلدى.

  سودا مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باھالاش ئارقىلىق كېيىنكى قەدەمدە يەنە 18 تۈرلۈك ئىش ئىسلاھ قىلىنىدۇ، 5 تۈرلۈك ئىش ئىچىۋېتىلىدۇ، بۇلار پاي تۈزۈمىدە چەتئەللەر مەبلەغ سالغان شىركەت قۇرۇشقا يول قويۇش، ئىچكى ۋە تاشقى مەبلەغ تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ ئويۇنچۇق ئەسلەھەلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشىغا يول قويۇش قاتارلىقلار پۈتۈن مەملىكەتتە كېڭەيتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر