باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ئۇكرائىنانىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئۈستىدە كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ باردى

2014.04.18 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 16-ئاپرېل ئۇكرائىنانىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى توغرىسىدا ئاشكارا يىغىن ئۆتكۈزدى، رۇسىيە ۋەكىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار دوكلاتىدا بىتەرەپلىك قاراش بار دېدى، ئۇكرائىنا بولسا بۇ دوكلاتنى قارشى ئالدى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ داۋاملىق ئالاقىدار دوكلاتلار بىلەن تەمىنلىشىنى مۇراجەت قىلدى.

  شۇ كۈندىكى يىغىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى باش كاتىپى شىموڭنوۋىچ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىملىرى ئىشخانىسى 15-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئالاقىدار دوكلاتىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 3-ئاينىڭ 16-كۈنى قىرىمدا ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلغاندىن كىيىن تارتقۇلارنى كونترول قىلىش، پائالىيەتچى ئەربابلارغا دەخلى قىلىش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرى ساقلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر