باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوبامانىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى تەسكە توختىدى

2014.04.16 17:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا «ۋول كوچىسى گېزىتى» 15-ئاپرېل ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما زىددىيەتكە پېتىپ قالدى، بىر تەرەپتىن رۇسىيەگە بولغان سىياسەت فاڭجېنىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىمىدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرىدى، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئارىلاشماسلىق ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرۇشى تەس، بۇ كۈنسايىن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىماقتا، داۋاملىق ئۆزىنى قاچۇرۇش پوزىتسىيىسى بارغانسېرى ئېغىرلىماقتا دېدى.

  ئوبزوردا، مەيلى ئامېرىكا ئاممىسى بولسۇن، ئاقسارايدىكى بىر قىسىم ياردەمچىلەرمۇ ئەسلىدىنلا ئۇكرائىنا كىرىزىسىگە بەك پىسەنت قىلىپ كەتمىگەن ئىدى، ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتى ئالدىدا، ئاقساراي بۇ مەسىلىگە ئېتىبار بەرمەي تۇرالمىدى، چۈنكى بۇ مەسىلە بۇ سايلام يىلىدا پىرېزىدېنت ئوبامانى پاتقاققا پاتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن دېيىلدى.

  ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئاقساراينىڭ ياردەمچىلىرىگە بىر قىيىن مەسىلىنى قويۇپ قويدى. بۇ ياردەمچىلەر ئوبامانىڭ ئاشكارا سورۇنلاردا ئىقتىساد ۋە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا مەسىلىلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلدى، ئەمما ئوباما مۇشۇ ھەپتە ئۆزىنى مەقسەتلىك قاچۇرۇش مەسىلىسىگە يۈزلىنىشى مۇمكىن، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قالايمىقانچىلىق بولۇشى مۇمكىن.

  بۇنىڭدا، ئوبامانىڭ رۇسىيەنىڭ مۇھىم ئىقتىساد ساھەلىرىنى جازالاش-جازالىماسلىقنى قارار قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى ئوباما بۇندىن بۇرۇن ئاگاھلاندۇرۇپ، رۇسىيەنى جازالاش-ئامېرىكىغىمۇ زىيانلىق دېگەن ئىدى. گەرچە ئوبامانىڭ ياردەمچىلىرى قانداق جازالاش تەدبىرىنىڭ ئامېرىكىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئوباما دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىنى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ قارشىلىقىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە يۈزلەندۈرۈشكە ھەقىقىي ياخشى تەييارلىق قىلمىدى. ئەمەلىيەتتە، يېقىندا ئوباما يەنە ئۆزىنىڭ مەيدانىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ئۆزىنى بۇرنىدىن يېتىلەپ مېڭىشىنى خالىمىدى.

  ھەم رۇسىيەگە بولغان فاڭجېننى ئۆزگەرتمەسلىك ھەم بۇ ئېغىر خەلقئارا كىرىزىسنىڭ كەڭ، چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەشتىن ئىبارەت ئاقساراينىڭ بۇ خىل زىددىيەتلىك روھىي ھالىتى ئالدىنقى ھەپتە تەلتۆكۈس ئىپادىلەندى. ئاقساراينىڭ ئاخبارات كاتىپى كارنىي كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە بىرمۇ-بىر جاۋاب بەردى. لېكىن ئوباما ئاياللارنىڭ مائاشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق ھوقۇقى مەسىلىلىرىنىلا مۇنازىرە قىلدى. ئالدىنقى ھەپتە ئوباما ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيىسىنى ئاشكارىلىمىدى. ئەمما ئوباما بىلەن گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى مېركىلنىڭ تېلېفونلاشقانلىقىنى ئېيتقان ئاقساراينىڭ باياناتى-ئوبامانىڭ يەنىلا بۇ ئىشقا ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى روشەن ئىپادىلەپ بەردى.

  ئالىي مەمۇرىي ئەمەلدارلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاقساراينىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى بىلىشكە تەقەززا بولغان مۇخبىرلارغا ئوبامانىڭ بىر ھەپتىلىك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تونۇشتۇردى. بۇ ئەمەلدارلار تونۇشتۇرۇش جەريانىدا، ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھېچقانداق ئۇچۇرنى تىلغا ئالمىدى.

  نۆۋەتتە ئاقساراي ئوباما يەتكۈزگەن ئۇچۇرلارنى بۇ دىپلوماتىيە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئازراق ئۇچرىتىشقا تېرىشماقتا. 11-ئاپرېل ئاقساراي ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرىغا بولغان يېڭى جازادا ناھايىتى بوش ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭدىن بەلكىم ئاقساراينىڭ ئوڭايسىز ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولۇشى مۇمكىن. ئاقساراي جازالاشقا بولغان ئىپادىسىنى ئېلان قىلمىدى شۇنداقلا يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلار بىلەن تېلېفون يىغىنى ئاچمىدى، ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك جازانى چىقارغاندىمۇ مۇشۇنداق قىلغان ئىدى.

  ئاقساراينىڭ بۇ خىل ئارىلاشماسلىق ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرۇشى ناھايىتى تەس. ئوباما پۇتىننى بۇ خىل ئۇسۇل سەۋرى-تاقىتىمىزنى چېكىگە يەتكۈزۈپ، قاتتىق جازاغا سەۋەب بولىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كىرىزىسنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە يامرىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئوبامانىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا بولغان تەنقىدىمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى.

  ئارىزونا ئىشتاتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى مىككائىن 13-ئاپرېل كولومبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ «يۈزمۇ-يۈز» پىروگراممىسىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى زادى قەيەردە دېدى. مىككائىن ھەمىشە ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەنقىدلەيدۇ. ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئەجەبا تېخىمۇ قاتتىق گەپ قىلالمامدۇ؟ پىرېزىدېنت يەنىمۇ ھەرىكەت قوللىنىپ، يەنىمۇ جازا قوللىنىش ھەققىدە گەپ قىلسا بولمامدۇ؟ لېكىن ھازىرغىچە، بىز بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر ئاڭلىمىدۇق دېدى.

  ئوبزورنىڭ ئاخىرىدا، ئوباما بىر مەيدان سىناققا دۇچ كەلدى. ئۇ ياۋروپا رەھبەرلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق بولغان جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللاشقا كۆندۈرۈشكە تېرىشماقتا، بۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئامېرىكىدىن بەكلا قويۇق، ئۇ دۆلەت ئىچىدىمۇ بارغانسېرى ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە، شۇڭا ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ پۇتىنغا سالغان تەھدىتىنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئوباما ئىلگىرى سۇرىيە مەسىلىسىدە بىۋاسىتە قارشىلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان ئىدى، بۇ بولسىمۇ سۇرىيەنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىشىگە چىقارغان قىزىل سىزىق ئىدى. رۇسىيە مەسىلىسىدە، بۇ خىل سىرتقى تاكتىكىنى قوللىنىش-قوللانماسلىققا يەنىمۇ قاراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ، بىراق ئوباما بۇ ھەپتە بۇ تېمىدىن ئۆزىنى داۋاملىق قاچۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئىشى بارغانچە تەسلىشىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ دېيىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر