رادېكال تەشكىلات ـــ ‹‹Boko Haram››نىڭ ئەزالىرى
BBCنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 14-ئاپرېل كەچقۇرۇن بىر تۈركۈم قوراللىق ئۇنسۇر بورنو ئىشتاتىنىڭ چىبوك بازىرىغا ھۇجۇم قىلغان، ئارقىدىن، يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ بازارغا قۇرغان قىزلار مەكتىپىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ياتاقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى يۈك ئاپتوموبىلى(قارا ماشىنا)غا سېلىپ ئېلىپ كەتكەن.
يەرلىك ئەمەلدارنىڭ BBC مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى 100گە يېقىنلىشىدىكەن، بىراق، تۇتقۇن قىلىنغان بىر قىسىم قىز ئوقۇغۇچىلار قېچىپ كەتكەچكە، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئېنىق سانى نامەلۇم ئىكەن.
ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ ھۇجۇمنى قوزغىغانلار ئىسلام رادېكال تەشكىلاتى ـــ ‹‹Boko Haram››نىڭ ئەزالىرى ئىكەن.