باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما پۇتىننى ئېتىرازچىلارنى ھۆكۈمەت بىناسىدىن چىقىپ كېتىشكە قايىل قىلىشقا دەۋەت قىلدى

2014.04.17 13:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 14 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ئاقساراي 14 – ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ئوباما رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشقاندا، ئۇنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونىدىكى شەھەرلەردىكى ‹‹رۇسىيەپەرەس قوراللىق كۈچلەر››نى ئىشغال قىلىۋالغان ھۆكۈمەت بىناسىدىن چىقىپ كېتىشكە قايىل قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئوباما رۇسىيەنىڭ ‹‹ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونىدىكى رۇسىيەپەرەس قوراللىق كۈچلەرنى قوللىغانلىقى›› توغرىسىدا توختىلىپ، ‹‹بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى››نى بىلدۈردى. ئوباما ئۇكرائىنادىكى بىرەسمىي قوراللىق كۈچلەر قورالنى تاشلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى ھەم پۇتىننى تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ‹‹رۇسىيەپەرەس قورال كۈچلەر››نى ھۆكۈمەت بىناسىدىن چىقىپ كېتىشكە قايىل قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ يەنە رۇسىيەنىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا چىگرا رايونىدىن ‹‹قوشۇن چېكىندۈرۈشى››نىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

  ئاقساراينىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئوباما رۇسىيەنى ‹‹سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېتىم قالدۇرۇش ئېغىرلىشىۋاتىدۇ››، ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە ‹‹ئارىلىشىش››نى توختاتمىسا، كۆپ بەدەل تۆلەيدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر