باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە دېڭىز ساقچىلىرى: «سېۋول» ناملىق پاراخوت ۋەقەسىدە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا پاراخوتتا

2014.04.17 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرىل كورېيە جىندودىن بەرگەن خەۋىرى: 17-چېسلا سەھەردە، كورېيەنىڭ «سېۋول» ناملىق پاراخوتىنى ئىزدەش خىزمىتى يەنە ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. ھاۋارايىدىن مەلۇماتتا بۈگۈن يامغۇر ياغىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولغاچقا، ئىزدەش خىزمىتىنىڭ قىيىنچلىقىنى ئاشۇرۇۋەتتى. مۇخبىر جوللانام شەھىرىنىڭ جىندو ناھىيەسىدىكى پېڭۋۇدكوڭ پورتىدا تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى. كورېيە دېڭىز ساقچىلىرى يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تېخىچە پاراخوتتا ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىدى.

  كورېيە YTN تېلېۋىيەسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تېخىچە پاراخوتتا ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەشتە، پاراخوتتىن قېچىپ چىققانلار ۋە پالوبادىكىلەرنىڭ ھەممىسى ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى ئاساس قىلىنغان.16-چېسلا، كورېيەنىڭ 400 نەچچە ئادەم ئولتۇرغان «سېۋول» ناملىق پاراخوتى جوللانام شەھىرى جىندو ناھىيەسىگە قاراشلىق سكرىن ئارىلىنىڭ 20 كىلومېتىر شىمالىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە سۇ كىرىپ كېتىش سەۋەبىدىن چۆكۈپ كەتتى. كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە 6 ئادەم قازا قىلغان، 179 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇپ، قالغان 290 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. (بېي جۈنجى، خۇاڭ خەييەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر