باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىنوۋدېننىڭ ئامېرىكىنىڭ سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2014.04.16 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل نيۇيوركتىن بەرگەن خەۋىرى: 2014-يىللىق ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسى پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى 14-چېسلا چۈشتىن كېيىن نيۇيوركتا ئېلان قىلىندى. «مۇھاپىزەتچى گېزىتى»نىڭ ئامېرىكا نۇسخىسى ۋە «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى سىنوۋدېننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغانلىقى شاراپىتى بىلەن، بۇ كاتتا ئاممىۋى مۇلازىمەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  سىنوۋدېن شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇھاپىزەتچى گېزىتى»نىڭ ئامېرىكا نۇسخىسى ۋە «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، ئۇلارنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى «ئاممىۋى ئېھتىياجنىڭ ھۆكۈمەتتە ئوينايدىغان رولىغا ئىشىنىدىغان بارلىق كىشىلەرنى قوغدىغانلىق» ھېسابلىنىدۇ. (لى بىڭشىن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر