باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي تەپتىشنىڭ ھۆكۈمەت ئۈندىدارى ئېچىلدى

2014.04.16 17:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 15-ئاپرېل ھۆكۈمەت ئۈندىدارى ۋە سوخۇ ئاخبارات خېرىدارلار تېرمىنالىنى رەسمىي ئاچتى. بۇندىن باشقا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگىمۇ تەڭلا خەلق تورى مىكرى بىلوگى، شىنخۇا تورى مىكرو بىلوگىغا قوشۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ ۋە خېرىدارلار تېرمىنالى تولۇق ئېچىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ ۋە خېرىدارلار تېرمىنالى ئارقىلىق، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى، مۇھىم دېلو ئۇچۇرلىرى، مۇھىم ئەدلىيە ئىزاھاتلىرى، مۇھىم خىزمەت نەتىجىلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىدىكەن. بۇ-ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئىشلىرىنى ئاشكارىلىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەت ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، يېڭى تاراتقۇ دەۋرىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ يېڭى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر