باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

2014.04.17 09:32   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

جاڭ چۈنشيەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 15-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى رۇستەم مىنخانوف قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 15-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى رۇستەم مىنخانوف قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.

  مەملىكەتلىك دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇستەم مىنخانوف تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە كارخانىچىلار ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەكنى باشلاپ 15-ئاپرېلدىن 17-ئاپرېلغىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ. 15-ئاپرېل، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بولدى.

  جاڭ چۈنشيەن رۇستەم مىنخانوف قاتارلىقلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئەھۋاللىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مىسلىي كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلار بارلىققا كېلىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭى ئارزۇلىرى ۋە دۇنيا تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن، 2010-يىلى مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە بولغان قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، مىللىي ئىشلەپچىقىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرىچە %10 تىن ئاشتى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى زور ھەجىمدە ئاشتى، ئىقتىساد جانلىنىپ، ھاياتى كۈچكە تولۇپ، تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچى زورايدى.

  جاڭ چۈنشيەن زۇڭتۇڭ رۇستەم مىنخانوف ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىقتىساد، سودا، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىشىش تەكلىپىنى ماقۇللۇق بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ئىقتىسادىي قۇرۇلما قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوخشاش ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، زىيارەت ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، ھەرقايسى ساھەلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن، جاڭ چۈنشيەن بىلەن رۇستەم مىنخانوف قاتارلىقلار ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، سودا، مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىشىغا شاھىت بولدى.

  رۇستەم مىنخانوف شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە يەنە ئۈرۈمچى ئىقتىساد، تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، بەي جىجيې، شى داگاڭ قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز