باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭدا بەش كىشلىك ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى(1)

2014.04.16 16:40   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شىنجاڭدا بەش كىشلىك ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى(1)

  12-ئاپرېل، شىنجاڭدا بەش كىشلىك ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك بەش كىشلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبول جەمئىيتى ئويۇشتۇرغان، شىنجاڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرى تەنتەربىيە جەمئىيتى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. مۇسابىقە قوش ئايلانما بويىچە ھەر شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، سەككىز كوماندا 14 قېتىم مۇسابىقىگە چۈشىدىكەن، مۇسابىقە ئاخىرىدا نومۇر جەملەش ئارقىلىق ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىگە ئېرىشكەن كوماندا مۇكاپاتلىنىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبول تەنتەربىيەسىنى باشقۇرۇش مەركىزى مۇدىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز پۇتبول كەسپىدە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. 2014-يىلى شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەل ئىچى پۇتبول كوماندىلىرى تەرەققىياتىغا ئاساس سالىدىكەن.

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز