باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ گاۋلى قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

2014.04.04 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ گاۋلى 3-ئاپرېل جۇڭنەنخەيدە قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قوشۇمچە سانائەت ۋە يېڭى تېخنىكا مىنىستىرى ئىسسېكېشېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: قازاقىستان-جۇڭگونىڭ مۇھىم قوشنىسى ھەم ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى. بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، پىرېزىدېنت نەزەربايىف بىلەن جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئاچتى. بۇ يىل جۇڭگو-قازاقىستان رەھبەرلىرى يەنە بىر يۈرۈش مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ-ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىق تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تېرىشىپ، ئېنېرگىيە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىك، پۇل مۇئامىلە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئالاقىسىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر