باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يەكەن ناھىيەسىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى(1)

2014.04.04 17:39   مەنبە: خەلق تورى

يەكەن ناھىيەسىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى: «ئەگەر بىر مۇخبىر مەندىن سىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىڭىز نېمە دەپ سورىسا، مەن شۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىمەنكى، يەكەندىكى بىر مىليون مو باداملىق باغ تولۇق مېۋىگە كىرىپ، يەكەن دېھقانلىرىنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسىگە ئايلانسا؛ يەكەندىكى 840 نەچچە مىڭ ھەر مىللەت خەلق تېخىمۇ بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشسە، مېنىڭ جۇڭگو ئارزۇيۇم ئىشقا ئاشقان بولاتتى.» بۇ يەكەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئەخەت سايىتنىڭ 3 – ئاپرېل يەكەن ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ساياھىتى ۋە 6 – نۆۋەتلىك بادام چېچىكى بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ بىزگە تەسىر قىلغان بىر قىسمى.

  ھۆپپىدە ئېچىلغان بادام چېچەكلىرىگە پۈركەنگەن قەدىمىي مەشھۇر يۇرت يەكەن شۇ كۈنى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. يەكەن ناھىيەسىنىڭ 1000 مولۇق ئۈگىلىك بادام بازىسى بولغان ئارال يېزىسىنىڭ 14 – كەنتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بايرامنىڭ باش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىنىش مۇراسىمى ئاجايىپ قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. سەھنىدە «بايرام تەنتەنىسى»، «يەكەن مارشى»، «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل»، «چىچەكزارلىقتىكى شادلىق ساداسى»، «يىپەك يولىدىكى ساھىبجاماللار» قاتارلىق ناخشا – ئۇسسۇل نومۇرلىرى كەينى – كەينىدىن ئورۇندىلىۋاتاتتى، سەھنىنىڭ يان تەرىپىدە ئەر – ئايال دېھقان رەسساملار ئىشتىياق بىلەن رەسىم سىزىۋاتاتتى، يەنە بىر چەتتە دېھقان خەتتاتلار ھۆسنخەت يېزىۋاتاتتى. ساياھەتچىلەر بادام چېچەكلىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇۋاتاتتى.

  چۈشتىن كېيىن تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ بويىغا جايلاشقان قاراسۇ يېزىسىدىكى قۇملۇق سەيلىگاھىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنئەنىۋى مەشرەپ، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، چىلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىرەر تال گىياھمۇ كۆرۈنمەيدىغان بۇ قۇملۇققا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغانىدى، رەڭگارەڭ كېيىنگەن سەنئەتكارلار ۋە ساياھەتچىلەر يېراقتىن قارىغاندا كىشىگە قۇملۇقتا ئېچىلغان گۈللەردەك تۇيغۇ بېرەتتى، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، يازغۇچى مۇھەممەتسالىھ مەتروزى شائىرانە ھېسسىياتى بىلەن بۇ مەنزىرىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى مۇنداق يېغىنچاقلىغانىدى: «يەكەن دېھقانلىرىنىڭ يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىققان خوشاللىقىنى قۇملۇقتىكى ناخشا – ئۇسسۇل ۋە كۆڭۈللۈك دەملەردىن كۆرۈش ئادەمگە يەنە بىر ئۆزگىچە تۇيغۇ بەخىش ئېتىدىكەن.» بەلكىم باشقىلارمۇ مۇشۇنداق گۈزەل تۇيغۇلارغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

  مېھمانلار قۇملۇقتىكى بەزمىدىن قايتىپ، «يىپەك يولى» يەكەن مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئارقىدىن يەكەن مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۇستاز ۋە شاگىرىت مۇقامچىلار ئورۇندىغان مۇقامدىن ھۇزۇرلاندى، كەچتە مۇقام كىنو – تىياتىرخانىسىدا شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى ئورۇندىغان سەنئەت جەۋھەرلىرىنى كۆردى.

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 【26】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز