28-مارت، ئوباما رىياد ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى
28-مارت كەچ ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ كەلدى ، بۇ ئوبامانىڭ 2009-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ . بۇ كۈنى ، ئوباما پادىشاھ ئابدۇللا بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى . سۆھبەت مەزمۇنى يەنە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى ، سۇرىيە كىرىزىسى ، شۇنداقلا ئىران يادرو مەسىلىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى . سۆھبەتكە يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ، دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى رېيس قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ قاتناشتى .