خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ (مەلىكەم) 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاھتائاملار ھۆججەتلىك فىلىمى «تەمدىكى جۇڭگو 2»نى سۈرەتكە ئالغان ھەم «مەن شىنجاڭدىن كەلگەن» ناملىق كىتابنى يازغان قۇربانجان سەمەت 11-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ «مەن ناتىق» پروگراممىسىنىڭ 6-سانىنىڭ تۇنجى تاللىشىغا قاتناشتى، ئۇ بىر ئەركىن فوتوگراف، ھازىر بېيجىڭدا تۇرىدۇ. فوتوئاپپارات ۋە تېلېكامېرا ئەزەلدىن ئۇنىڭ قورالى بولپ كەلدى، ئۇ «مېنىڭ سۆزۈم فوتو سۈرەتتە» دەيدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە جەمئىيەتگە بولغان قارىشىنى كامېرا ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. سۈرەتلەر سۆزلىيەلمىگەن بىلەن، ئاپپاراتنىڭ كەينىدىكى قۇربانجان چۈشەندۈرەلەيدۇ، ئۇ سەھنىدە سۈرەت ۋە سۆز بىلەن كۆپچىلىككە ئەڭ ئاددىي، ئەڭ چىن شىنجاڭلىقلارنى تونۇشتۇردى. لۇيۈ بۇ شىنجاڭلىق فوتوگرافنى ياقتۇرۇپ قالدى، ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا چىراق ياندۇردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى