باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

ئونسۇدىكى خەنزۇ ئوغۇلنىڭ ئۇيغۇر دادىسى

2014.11.11 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان، خىي چونلىن خەۋەر قىلىدۇ: 2004-يىلى مەتنىياز توختى ئۇنىڭ خەنزۇ ئوغلى ئەزىمەتجان بىلەن ئايرىلماس مۇناسىۋەت ئورناتتى. 8 يىلدىن بۇيان ئۆز ئاتا ئانىسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن بۇ بالا ئۇيغۇر دادىسىنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ بېقىشى ئارقىسىدا ساغلام ئۆسۈپ چوڭ بولدى.

  مەتنىياز توختى تىلغا ئېلىنسا ئونسۇ بازىرى كۆكيار مەھەللىدىكى ھەممە ئادەم باش مالتىقىنى چىقىرپ ماختايدۇ. 2004-يىلى ئۇ تۇغۇلما پۇت قولى مېيىپ بىر خەنزۇ بالىنى بېقىۋالدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەزىمەتجان دەپ ئىسىم قۇيدى. دەسلەپتە قوشنىلىرى مەتنىياز توختىنىڭ ئەزىمەتجاننى بېقىۋالغانلىقىنى چۈشەنمەي باشقىچە قاراشتا بولدى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ باقىدىغان بالىلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇقىم كىرىمى بولمىغاچقا، ئۇ يەر بۇ يەردە ئۇششاق چۈشەك ئىش قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. شارائىتى شۇنداق ناچار ئەھۋالدىمۇ ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ئەزمەتجاننى ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى.

  كۆكيار مەھەللىدىن مەتنىياز توختى مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا مەن بالىنى بېقىۋالغاندا ئارتۇق ئىشلارنى ئويلىمىدىم. پەقەت ئۇنى ياخشى بېقىپ ، ياخشى تەربىيەلەپ چوڭ قىلىشنىلا ئويلىدىم.

  ئەزىمەتجان ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئەسلىدىلا باياشات بولمىغان بۇ ئائىلە تۇرمۇشتا تېخىمۇ قىيلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا تۇغۇلما مېيىپ بولغاچقا پات پات ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالاتتى. گەرچە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق مەتنىياز توختىنىڭ بالىنى كۆڭۈل قۇيۇپ بېقىشى ئەتراپتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

  كۆكيار مەھەللىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەخمەت مۇھەممەت مۇنداق دېدى: ئۇ بالىنى بېقىۋالغاندىن كېيىن ناھايىتى ياخشى قارىدى. دائىم بىرگە بارلىق بىساتلىرىنى سېتىپ بولسىمۇ بالىنىڭ كېسىلىنى چوقۇم داۋالاپ ساقايتىمەن دەيتتى. بىز ئۇنىڭ بالىغا ناھايىتى ياخشى قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەندۇق.

  ئەزىمەتجان گەرچە مېيىپ بولسىمۇ ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ، ھەر كۈنى مەكتەپتىن قۇيۇپ بەرگەندە دادىسىغا ياردەملىشىپ قۇربى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. بوش ۋاقىتلاردا دادىسىغا مەكتەپتە ئۆگەنگەن تېكىستنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ئەركىلەيدۇ، مۇڭدىشىدۇ. ئەزىمەتجان مەتنىياز مۇنداق دېدى: ئاتا ئانام ماڭا ناھايىتى ياخشى قارايدۇ. مەن ئۇلارغا ئامراق.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى.بارلىق ئىشلارنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم كاپالىتى. مەتنىياز توختىنىڭ ھەرىكىتى شۈبھىسىزكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشىدا تىكلەنگەن بىر ئۈلگە. ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى ھەر مىللەت كادىر ئاممىنى تەسىرلەندۈردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرى ئۈچۈن ئازغىنە بولسىمۇ كۈچ چىقىرپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر