باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ>>يىغىنلار

شى جىنپىڭ APEC رەھبەرلىرىنىڭ سودا سانائەت مەسلىھەت كېڭىشى ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلىشىشكە قاتناشتى

2014.11.11 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-نويابىر ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ سودا سانائەت مەسلىھەت كېڭىشى ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆزلىشىشگە قاتناشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى. جۇڭگو رايون ھەمكارلىقىدا نەپكە ئېرىشكۈچى، شۇنداقلا رايون ھەمكارلىقىنى پائال تەشەببۇس قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولغۇچى. بىز مەزكۇر رايوننىڭ سودىغا مەبلەغ سېلىشىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قۇلايلاشتۇرۇشقا پائال تۇرتكە بولۇپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتىگە ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمىغا يولۇقماقتا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيا بىلەن رايون ۋەزىيىتىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىنى تونۇپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بۇ يىل ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانلىقىدەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى، بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، رايون سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قولايلاشتۇرۇشغا پائال تۈرتكە بولۇپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تېخنىكا ھەمكارلىقى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى شېرىكلىك مۇناىسۋىتىنى ئورنىتىشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سودا سانائەت ساھەسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق قوشۇنى، بىز كۆپچىلىكنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمۈد قىلىمىز.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، سودا سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ بۇ يىل بۇ يىغىننى ئۆتكۈزۈپ قولغا كەلتۈرىدىغان ئەمەلىي نەتىجىلىرى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 1-دىن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئەركىن سودا رايونى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ يولىنىشنى كۆرسىتىش. 2-دىن، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسىنى لايىھەلەش. 3-دىن، ئىقتىسادىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشغا، ئىسلاھاتقا، ئېشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش. 4-دىن، ئۆز ئارا ئالاقىلىشىش ۋە سۆزلىشىش خەرىتىسىنى بېكىتىپ ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ۋە سۆزلىشىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىش. جۇڭگو ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۆزئارا ئىشەنگەن، كەڭ قورساق بولغان، ئورتاق نەپ يەتكۈزىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئاساسى مۇئەسسەسسە ۋە ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ۋە سۆزلىشىش قۇرۇلۇشى ھەمدە ئاسىيا ئاساسىي مۇئەسسئەسسەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش توغرىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاساسىي مۇئەسسئەسسە ۋە ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ۋە سۆزلىشىش قۇرۇلۇشى ئىقتىسادى تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق مەسىلە، شۇنداقلا رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى. ئاسىيا ئاساسىي مۇئەسسئەسسە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تەبىئىي شارائىت، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك، كىشلىك مۇناسىۋەت شارائىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ يېپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەر قايسى تەرەپلەرگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، باشقا كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىستىقبالى توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتدا بۇرۇلۇش ياساشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش كۈچىنى زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كەلگۈسى بىر مەزگىلىدە ئوتتۇرا ھالدا ۋە يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلاپ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بىز، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى سودا سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇساپىسىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر