10-نويابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭدا ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 22-نۆۋەتلىك باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر رەھبەرلىرى، ۋەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىگە كەچلىك زىياپەت بەردى. زىياپەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدە رەھبەرلىرى، ۋەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن كوللېكتىپ رەسىمگە چۈشتى.