باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىلەم دۇنياغا كەلدى

2014.03.27 10:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېنتىرنېت تورىنىڭ سىرلىق يېرى شۇكى، تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ ئاددىي نەرسىلەردىن تارتىپ ھەممىسىلا ئېنتىرنېت تورى فۇنكىسىيىسىگە ئىگە بولۇپ، بۇ نەرسىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بىلەن ئۇلىنىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇشنى شەكىللەندۈرىدۇ. يەنە كېلىپ تۇرمۇشتىكى بۇ خىل ئاددىي نەرسىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىپ بېرىشى پەقەت ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي بەلكى يەنە ئېلىكتىر چىراغ، كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا قاراپ ماڭغان بولۇپ، بۈگۈن بىز سىلەرگە يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىلەمنى تۇنۇشتۇرىمىز. يېقىندا فىرانسىيىنىڭ dubbed شىركىتى ئىچىگە سېنزور ۋە WIFI ئىقتىدارى سەپلەنگەن SensFloor ناملىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىلەمنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىلەم ئابونتلارنىڭ گىلەم ئۈستىدىكى ھەركەت پائالىيەت دائىرىسىنى ئۆلچەپ چىقىپ، ئۇنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئابونتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىدىكى ماس ئەپ پىروگراممىسىغا ئەۋەتىپ بېرەلەيدىكەن.

  بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىلەم بولسا بىر كىۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى توقۇلما گىلەم ئىچىگە سېنزور سەپلەش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، ئابونتلار گىلەم ئۈستىدە ماڭغاندا، گىلەم ئابونتلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى ۋە ئۇنىڭ ھەركەت سانلىق مىقدارلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭالايدىكەن.

  ئۇنداقتا بۇ خىل تېخنىكىنىڭ زادى قانداق ئەمەلىي ئەھمىيىتى بار؟ ئەلۋەتتە، بۇ خىل تېخنىكا ياشانغانلار ياشايدىغان ئۆيلەردە ئىشلىتىلىشكە لايىھىلەنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ شىركەت فىرانسىيىدىكى مەلۇم ياشانغانلارنى كۈتۈش ساناتورىيىسى بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ، ئۇلار ياشانغانلار تۇرىدىغان ياتاق ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىگە بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىلەمنى سالغان ۋە شۇ ئارقىلىق ياشانغانلارنىڭ ئۆي ئىچىدىكى ھەركىتىنى ھەر دائىم كۆزىتىپ ئىگەللەپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىكەن. ناۋادا SensFloor ناملىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىلەم ئۈستىدە ھەركەت قىلىۋاتقان ياشانغانلار يىقىلىپ چۈشسە، بۇ گىلەم دەرھال ساناتورىيىنىڭ كۈتۈش خادىملىرىنىڭ يانفونىغا ئۇچۇر يوللاپ، ياشانغانلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدىن دەل ۋاقتىدا قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلالايدىكەن.

  تېخىممۇ مۇھىمى شۇكى، SensFloor ناملىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىلەمنىڭ ئەقلىيلاشقان ئائىلە بەرپا قىلىشتىكى رولى زور بولۇپ، ئەگەر سىز ئۆيىڭىزگە SensFloor ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىلىمىنى سېلىپ قويغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرگىنىڭىزدە، گىلەمدىكى سېنزور سىزنىڭ قايتىپ كەلگىنىڭىزنى بىلەلەيدۇ دە دەرھال ئۆيىڭىزدىكى باشقا لامپۇچكا قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۇلىنىپ ئۆي ئىچىنى يۇرۇتۇش، دېرىزە پەردىسىنى ئېچىش ۋە ئۆي ئىچى تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۆي ئىچىنىڭ ئەقلىيلىشىشىنى ھەل قىلالايدىكەن.

  باھاسى جەھەتتە، ئەلۋەتتە يېڭى تەتقىق قىلىپ ئېچىلغاندا بۇ گىلەمنىڭ باھاسى ئەلۋەتتە قىممەترەك بولۇپ، ھازىرچە ئۇنىڭ 10 كۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى 270 ئامېرىكا دوللىرى يەنە خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 1672 يۈەن ئىكەن، ئېنىقكى، ئۆيىڭىز چوڭ بولسا بۇ خىل گىلەمگە كېتىدىغان مەبلەغ ئەلۋەتتە كۆپ بولىدۇ، ناۋادا ئۆيىڭىزدە يالغۇر تۇرىدىغان ياشانغان ئاتا-ئانىڭىز ياكى بوۋا مومىڭىز بولسا بۇ گىلەمنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر