باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلاردىن بولۇشقا تىرىشايلى! 2014–يىللىق ‹‹پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلار››نى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى

2014.03.26 15:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ جيې خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون ئىجابىي تەشۋىقاتنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، جەمئىيەتتە ئەڭ يېقىنلىق سادانى ياڭرىتىپ، ئالىيجاناب روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، 2014 – يىللىق ‹‹پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلارنى كۆرسىتىمەن، باھالايمەن›› دېگەن تېمىدىكى پائالىيەتنى باشلىدى.

  بۇ پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. تور ئەھلى تەڭرىتاغ تورى(خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك تورى، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› تورى، شىنجاڭ ئاخبارات تورى، ‹‹ياشىن›› تورى، ‹‹كوئىنلۇن›› تورى، ‹‹قىزىلتاغ›› تورىغا چىقىپ، ‹‹پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلارنى كۆرسىتىمەن، باھالايمەن››مەخسۇت بېتى ئارقىلىق ئاۋاز بەرسە بولىدۇ.

  ئايمۇ ئاي كۆرسىتىش، قاتلامۇ قاتلام تاللاش، ھەرقايسى كەسىپ ۋە ساھەدىكىلەر باھالاش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ ئايدا بىر باش تېما (تۈر) چۆرىدىلىپ، نامزاتلارنى كۆرسىتىش ۋە ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ‹‹پەزىلەتلىك ئاساسىي قاتلام كادىرى››، ‹‹پەزىلەتلىك خەلق ساقچىسى››، ‹‹پەزىلەتلىك ئانا››، ‹‹پەزىلەتلىك تېببىي خادىم››، ‹‹يېزىلاردىكى پەزىلەتلىك بېيىش باشلامچىسى››، ‹‹پەزىلەتلىك ئىشچى – خىزمەتچى››، ‹‹پەزىلەتلىك ئوقۇتقۇچى››، ‹‹پەزىلەتلىك پىدائىي››، ‹‹پەزىلەتلىك ياش – ئۆسمۈر››، ‹‹شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان پەزىلەتلىك كادىر››لار سايلىنىدىكەن. توردىكى ئاۋاز بېرىش ۋە مۇتەخەسسىسلەر باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، 2014 – يىلى 12 – ئاينىڭ ئاخىرى ‹‹پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلار›› باھالاپ چىقىلىدىكەن.

  ‹‹پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلار››نى باھالاشتا سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن، ‹‹شىنجاڭ روھى››نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرغان ۋە يېتىلدۈرگەن، پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ساقلىغان، كۈندىلىك خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدە يۈكسەك ئەخلاق – پەزىلەت يېتىشتۈرگەن، ئىش – پائالىيەتلىرى تەسىرلىك، ئاممىنى قايىل قىلغان بولۇشى ئاساسلىق شەرت قىلىندى.

  ھەر قايسى كەسىپ ۋە ئورۇنلار نامزات كۆرسەتكەندىن باشقا، ئامما بىلەن تور ئەھلى توردا بىۋاسىتە نامزات كۆرسەتسە بولىدۇ، كۆرسىتىلىدىغان نامزاتلارنىڭ ئىش – پائالىيەت ماتېرىياللىرى(سۈرىتى، يازما ماتېرىيالى، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى)نى ‹‹تەڭرىتاغ›› تورىنىڭ ئېلخېتىxjts.cn @xjr غا يوللىسا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› قاتارلىق ئاساسلىق تاراتقۇلار 24 – مارتتىن باشلاپ ‹‹پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلاردىن بولۇشقا تىرىشايلى›› ناملىق مەخسۇس ئىستون تەسىس قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا بارلىققا كەلگەن ئىلغار تىپلار، جۈملىدىن 2 – تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش››پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەردە بارلىققا كەلگەن ئىلغار تىپلارنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر