- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭنىڭ مەتبۇئات كارخانىلىرى تۈركىيەگە ئورۇنلاشتى
2014.03.26 15:39 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
24–مارت ، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ بەدىئىي سۈرەت نەشرىياتى ، شىنجاڭ ئۈن–سىن نەشرىياتىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ ئىككى نەشرىيات بىرلىكتە مەبلەغ سالغان يىپەك يولى نەشرىياتى (مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كىتابخانىسى) تۈركىيەنىڭ ئىستامبۇلدا قۇرۇلغان ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىشنى ئاساس قىلغان يىپەك يولى ئىمپورت–ئېكسپورت شىركىتىمۇ قۇرۇلغان . بۇ شىنجاڭدىكى مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ چەت ئەلدە قۇرغان ئۈچىنچى مەتبۇئات كارخانىسى ۋە تۇنجى مەدەنىيەت ئىمپورت–ئېكسپورت كارخانىسى ھېسابلىنىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭ بەدىئىي سۈرەت نەشرىياتى ، شىنجاڭ ئۈن–سىن نەشرىياتى 2014–يىلى چەت ئەللەردە 60 خىل كىتاب ، 20 خىل ئۈن–سىن بۇيۇمى ۋە 20 خىل ئېلېكتىرونلۇق كىتاب نەشر قىلىدىكەن ، شۇنداقلا تۈركىيەدە قۇرۇلغان ئىمپورت–ئېكسپورت شىركىتى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كىتابخانىسى ئارقىلىق ، شىنجاڭنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ياۋروپاغا كېڭەيتىلىپ ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەشر بۇيۇملىرى چەت ئەللەرگە تونۇشتۇرۇلىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر