باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قەشقەر «خەلق» باغچىسىدا ياڭرىغان ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق مېلودىيەسى(1)

2014.03.29 01:49   مەنبە: خەلق تورى

قەشقەر «خەلق» باغچىسىدا ياڭرىغان ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق مېلودىيەسى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى، مۇھەممەد يۇنۇس، روشەن ئىسمائىل، ئالىيە ئەبەيدۇللا

  27 –مارت، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 يېرىم، قەشقەر «خەلق باغچىسى».

  بىز «خەلق» باغچىسىنىڭ ئالدىدىكى جەنۇبىي«ئازادلىق» كوچىسىدا كۆرگەن بىر كۆرۈنۈش دىققىتىمىزنى ئالاھىدە تارتتى، يولدىن ئۆتۈشكە تەمشىلىپ تۇرغان بىر بوۋاي ئاپتوموبىللار غۇيۇلداپ ئۆتۈپ تۇرغان يولدىن ئۆتەلمەي ئۇياق – بۇياققا قاراپ تۇراتتى، تۇيۇقسىز ئۇ ئارقىسىدىن كەلگەن بىر خەنزۇ بوۋاينىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭغا بىرنىمە دېۋىدى، ھېلىقى خەنزۇ بوۋاي ياندىكى مومىيى بىلەن بىرگە ئۇ ئۇيغۇر بوۋاينى ئوتتۇرىغا ئېلىپ يېتىلەپ يولدىن ئاۋايلاپ ئۆتكۈزۈپ قويدى.

  يولدىكى بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشكە قىزىقىپ ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتۇق. قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىدىن پېنسىيەگە چىققان مەمتىمىن ئابدۇكېرىم بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 10 يىل بۇرۇنقى قان بېسىم كېسىلى تۈپەيلى پېنسىيەگە چىققان، پۇت ئاغرىقى تۈپەيلى مەمتىمىن ئابدۇكېرىم ئاكا ئۇزۇن مېڭىشقا چىدىمايتتى. بولۇپمۇ ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈپ تۇرغان يولدىن ئۆتۈشتىن بەكمۇ قىينىلاتتى. بۈگۈن كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى مەمتىمىن ئابدۇكېرىم ئاكا «خەلق» مەيدانىغا بېرىپ تونۇش – بىلىشلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ كېلىشكە، بۇ يەردىكى قىزىق كەيپىياتنى كۆرۈپ كۆڭلىنى ئېچىپ كېلىشكە ماڭغان بولۇپ، يولدىن ئۆتەلمەي تازا قىينىلىۋاتقىنىدا كەينىدىن كېلىپ يولدىن ئۆتمەكچى بولغان خەنزۇ بوۋاي – موماينى كۆرۈپ ئۇلاردىن يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشنى ئۆتۈنگەن، ھېلىقى خەنزۇ بوۋايمۇ دەرھاللا ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تىلىدا ماقۇل دەپ مومىيى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈپ قويغان.

  ـــ بۇ قانچىلىك ئىشتى، ھەممە ئادەم قېرىيدۇ، مېنىڭمۇ كېسىلىم بار، بەزىدە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولغىنىمدا ماڭا ياردەم قىلسا مەنمۇ ئالەمچە خۇشال بولۇپ كېتىمەن،- دېدى مەمتىمىن ئابدۇكېرىم ئاكىنى يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان ھېلىقى خەنزۇ بوۋاي، قەشقەر شەھەرلىك ئېلىكتىر ئىستانسىسىدىن پېنسىيەگە چىققان جاڭ لەنشېڭ ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ـــ يولدىشىم 1949 – يىلى ئاتا – ئانىسى بىلەن بىرگە شەندۇڭدىن قەشقەرگە كەلگەنلەر، ئۇ كىچىكىدىن ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن ئويناپ چوڭ بولغاچقا، ئۇيغۇرچىغا پىششىق، ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇھەببىتى كۈچلۈك، 40 نەچچە يىللىق خىزمەت جەريانىدا ئۇ باشتىن ئاخىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن ناھايىتى ئىتتىپاق، ئىناق – ئىجىل ئۆتۈپ كەلدى. بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ ھېلىھەم شۇنداق ئۆتۈپ كەلمەكتە. ئۆز – ئارا ھۈرمەتلەش، ئۆز- ئارا ياردەم بېرىش، ئۆز – ئارا كۆيۈنۈش بۇ يەردە ياشاۋاتقانلارنى تېخىمۇ ئىناق قىلىدۇ، - دېدى جاڭ بوۋاينىڭ ئايالى چېن لەن موماي بىزگە.

  «خەلق» باغچىسى ئىچىدىكى كەيپىيات بىزنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى، ۋاسكېتبول مەيدانىدا بىرتوپ ئۇيغۇر ، خەنزۇ يىگىتلەر ۋاسكېتبول ئويناۋاتاتتى، سەل نېرىدا تۆت جۈپ ئادەم جىددىي ھالدا تىك – تاك توپ ئويناۋاتاتتى، ياندىكى يۈرۈشلەشكەن چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىدە 50 ياشلاردىن ئاشقان ئىككى ئۇيغۇر ئايال ياندىكى بىرقانچە خەنزۇ بوۋاي – مومايلار بىلەن بىرگە قىزىق پاراڭغا چۈشكەچ بەدەن چېنىقتۇرىۋاتاتتى، سەل نېرىدا بىرتوپ كىشىلەر قەرت ئويناۋاتاتتى، ماۋۇ ياندا بولسا قەشقەر شەھەرلىك «دۆلەتباغ» يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن پېنسىيەگە چىققان ئەلى ئاللابەردى ئاكا ئۈچ يىلدىن بۇيان بۇ يەرگە كۈندە كېلىپ چېنىقىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈنمۇ ئۇ بۇ يەرگە چېنىقىشقا كەلگەنىدى.

  ـــ بۇ يىل 60 ياشتىن ئاشتىم، بۇ مەيداندا ھەر كۈنى ئۇيغۇر، خەنزۇ، شىبە، خۇيزۇ قاتارلىق ھەرمىللەت ئاممىسى يىغىلىپ قەرت ، ئۇسسۇل، توپ ئوينايمىز، چېنىقىمىز، بۇ جەرياندا كۆرۈشمىگەنلەر بىلەن كۆرۈشۈپ مۇڭداشقىلى، يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشۇپ پاراڭلاشقىلى بولىدىكەن، شۇنداقلا بىزگە مەنىۋى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئوزۇق بولىدىكەن، ھەرمىللەت ئاممىسى ئۆز – ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلسا ئىتتىپاق بولىدىكەن،- دېدى ئېلى ئاللابەردى ئاكا،- مانا ھازىر تۇرمۇشىمىز خاتىرجەم، جەمئىيەت مۇقىم بولغاچقا كۈنلىرىمىز گۈلدەك ئۆتمەكتە.

  ـــ بىزنىڭ بۇ «خەلق» مەيدانىغا كېلىپ چىنىقىۋاتقىنىمىزغا 10 يىل بولدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن تۈرلۈك بوران – چاپقۇنلار بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ھەرمىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىرگە چېنىقىش، تۇرمۇش پەيزىنى سۈرۈش ئارزۇيىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈلمىدى، - دېدى ۋىلايەتلىك ماددىي–ئەشيالار ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان شيۇڭ خانىم بىلەن لى خانىم.

  ياندىكى چوڭ مەيداندا بولسا 400 دىن ئارتۇق ئەر – ئايال تانسا ۋە كوللېكتىپ ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى. ئاقچاچلىق 86 ياشلىق شۈ ۋەنچاڭ بوۋاي يېنىك قەدەملىرى بىلەن 72 ياشلىق ۋاڭ موماي بىلەن بىرگە تانسا ئويناۋاتاتتى.

  ـــ مەن شىنجاڭغا كىرگەن قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى،- دېدى شۈ ۋەنچاڭ بوۋاي زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ ماڭا،- 65 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى بولۇپمۇ قەشقەردىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ شاھىدى بولدۇم، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە بۇ دىياردا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، خەلقنىڭ شىللىسىدىكى ئېغىر يۈك ئېلىپ تاشلاندى، قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ھەرمىللەت خەلقى بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە بولدى، مەن شاھىد بولغان ئەمەلىيەت شۇنى بىلدۈردىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى بۇ زېمىننىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىغا ئاساس بولىدۇ. ۋەزىيەت ئىناق بولغاچقا مەن بۇ يەرگە كۈندە كېلىپ چېنىقىۋاتىمەن، بۇ يەردە مېنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇر دوستلىرىم بار، ئۇلار بىلەن مەن قەشقەرنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە قىزىق پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتىمەن....

  مەيداننىڭ بىر چېتىدىكى چېنىقىش ئۈسكۈنىسىدە بەدەن چېنىقتۇرىۋاتقان 72 ياشلىق شې يۈفېڭ ئانا مۇنداق دېدى: مەن ئاتا –ئانامغا ئەگىشىپ، سەنشىدىن 1952– يىلى قەشقەرگە كەلگەن. قەشقەرنىڭ تەرەققىياتى مۇشۇ نەچچە يىلدىن بۇيان ناھايىتى تېز بولدى، ھازىر مەن پېنسىيەگە چىقتىم، پېنسىيە مائاشىم 3500 يۈەن، يولدۇشۇمنىڭمۇ 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ، بىزنىڭ ھازىر سالامەتلىكىمىز ياخشى، ئىككى ئوغلۇم قەشقەردە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلارمۇ ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ بولدى. بىزنىڭ ھازىر باشقا غېمىمىز يوق، ئەر – خوتۇن ئىككىمىز ھەر كۈنى بۇ مەيدانغا كېلىپ چىنىقىپ تۇرىمىز، بۇ يەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى، بىز كۈندە تا،سا ئويناپ، ئۇسسۇل ئويناپ چىنىقىمىز.

  78 ياشقا كىرگەن ۋاڭ فېنفېن 1954 – يىلى سەندۇڭدىن قەشقەرگە كەلگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئۆزەمنى كونا شىنجاڭلىق دېسەممۇ بولىدۇ، مېنىڭ ئۈچ بالام، تۆت نەۋرەم بار، بىزنىڭ قورودا ئۇيغۇرلار كۆپ، مۇناسىۋىتىمىزمۇ ئىنتايىن ياخشى، مەن، ئايالىم ۋە چوڭ ئوغلۇم ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلەيمىز. شۇڭا خوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ بەك ياخشى. مەن ھەر كۈنى قورودىكى مامۇت ئۇستام بىلەن بىللە بۇ باغچا مەيدانىغا كېلىپ، چېنىقىپ، كورت ئويناپ كىتىمىز، بۇ باغچا مەيدانى بىزدەك ياشانغانلارنىڭ چېنىقىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى سورۇنىمىزغا ئايلاندى.

  ـــ مەن بۇ باغچا مەيدانىغا كۈندە كېلىپ، ئايلىنىپ، چېنىقىپ كېتىمەن، بولۇپمۇ قەنت كېسىلىگە گېرىپدار بولغاندىن كېيىن، دوختۇرنىڭ تەكلىپى بىلەن چېنىقىپ تۇرىۋاتىمەن، بۇ يەردە ھەر مىللەت كىشىلىرى يىغىلىدۇ، بىز كۈندە ئۆز ئارا پىكىرلىشىپ تۇرغاچقا، بۇ يەردىكىلەر تونۇشۇپ كەتتۇق، كىشىلەر ئارا قويۇق دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتتۇق،- دېدى مەيداندا پەي توپ كۆرۈپ ئولتۇرغان مامۇت بارات.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·زەھەرلىنىش، دورا ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى بېرىش 
      ·مال ـ دۇنياسىنى كۆز ـ كۆز قىلىش ئۈچۈن ئالتۇن چىش قاپلىتىدۇ(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر نامرات رايونلاردىكى يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاشۇرۇپ قو…
      ·6-تۈركۈمدىكى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىچكىرىگە بېر…
      ·كۇچا ناھىيەسى مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى
      ·ئەنگىلىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى شاڭخەيدە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى(1)
      ·ئىككى تېرلىيون 200 مىليارد يۈەن مائارىپ خىراجىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى
      ·كورلا شەھىردىكى مەكتەپلەردە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
      ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ