باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ

2014.02.19 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ 2014-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى 19-فېۋرال بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىغا تىزىملانغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نەتىجىسىنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzs.edu.cn)، شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى تورى (http://www.xjedu.gov.cn)غا چىقىپ تەكشۈرسە، ياكى تىزىملانغان ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشپ نەتىجىسىنى بىۋاستە كۆرسىمۇ بولىدۇ.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە گۇمانى بولسا، ئۆزى تىزىملانغان ئورۇنغا نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە قاراڭ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر