خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-چېسلا خەلق سارىيىدا پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ پاكىستان ئەنئەنىۋى دوستلۇقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاش ئۈستىدە سۆزلىشىپ، سىياسىي ئۇل تېخىمۇ مۇستەھكەم، ئىقتىسادىي ئالاقە تېخىمۇ قويۇق، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى تېخىمۇ چوڭقۇر، مەدەنىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ راۋان بولغان جۇڭگو ــ پاكىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ــ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق كۈچ چىقىرىش قارارىغا كەلدى.
مەنبە: خەلق تورى