باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى شاڭخەينىڭ ئىنگلىز تىلى دەرىسىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن چىقىرىۋېتىش لايىھەسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھازىر يەنىلا نۇقتىدا سىناق قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈردى

2014.02.13 22:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شاڭخەيدىكى مەلۇم تاراتقۇنىڭ تۈنۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەي شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار شەھەرلىك سىياسىي كىڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرىغا بۇ نۆۋەتلىك «شاڭخەي نۇسخىسى»دىكى ئالىي مەكتەپ ئىسلاھاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىسلاھات مەزمۇنى ئىنگىلىز تىلىنى ئاساس قىلغان چەتئەل تىللىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ بىرتۇتاش ئىمتاھانىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى بولۇپ، بۇ ئىمتاھاننىڭ ئىجتىمائىيلىشىپ، «بىر ئىمتىھان بىلەنلا تەقدىرنى بەلگىلەپ قويىدىغان» سىياسەتنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىشىدا ئۈمىد بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ خەۋەرگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۈ مىي يېڭى پايتەخت گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى لايىھەسى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى ساقلايدۇ ھەمدە مائارىپ مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ، بىراق شاڭخەي قاتارلىق جايلارنىڭ بۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھات ئىدىيەسى ۋە لايىھە تېزىسى چەتكە قېقىلمايدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر