باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2014-يىلى شىنجاڭدا گۆش، كۆكتاتنى بىۋاستە سېتىش دۇكىنىدىن 200 ى قۇرۇلىدۇ

2014.02.14 16:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، 2014-يىلى ، شىنجاڭدا گۆش ، كۆكتات بىۋاستە سېتىش دۇكىنىدىن يەنە 200 ى قۇرۇلىدىكەن .

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، نۆۋەتتە ، شىنجاڭدا گۆش ، كۆكتات بىۋاستە سېتىش دۇكىنىدىن 1300 ى بار بولۇپ ، كۆپ قىسمى ئۈرۈمچى شەھىرىگە مەركەزلەشكەن . بۇ يىل يېڭىدىن سېلىنىدىغان گۆش ، كۆكتات بىۋاستە سېتىش دۇكىنىغا كېتىدىغان خىراجەت 2014-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىيات مەخسۇس تۈر مەبلەغ پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، بۇنىڭغا 10 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىدىكەن .

  ئاپتونوم رايون شەھەر ئاھالىسىنىڭ تەكسە باھالىق گۆش ۋە كۆكتات سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، خەلققە قولايلىق گۆش ، كۆكتات بىۋاستە سېتىش دۇكىنى قۇرۇشنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە ، ئاپتونوم رايون مالىيەسى يەنە مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەڭشەپ ، كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى . ئىگىلىنىشچە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە تارماقلىرى بۇ يىل يەنە 60 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ ، 10 مىڭ توننىلىق يەرلىك زاپاس گۆش ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇپ ، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ساقلاش سالمىقىنى زورايتىدىكەن .

  ئۇنىڭدىن باشقا ، 2014-يىلى يەنە 200 توننىلىق ئاشلىق ، ياغ ترانزىت ئىسكىلاتى قۇرۇلىدىغان بولۇپ ، بۇنىڭغا مەركەز 23 مىليون يۈەن ، ئاپتونوم رايون مالىيەسى 30 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىدىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، 2014-يىلى ئاپتونوم رايون مالىيەسى 292 مىليون 280 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ ، تۈرلۈك باھا كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، نامۇۋاپىق ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، ھەق ئېلىشنىڭ ئۆلچەملىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر