باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا تۇمان قاتارلىق ئاتموسفىرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش نىزامنامىسى (تۈزىتىش لايىھەسى)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

2014.02.13 22:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 12-چېسلا لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، تۇمان قاتارلىق ئاتموسفىرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش نىزامنامىسى (تۈزىتىش لايىھەسى)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئاتموسفىرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت قىيىن، ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ــ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى ھالقىلىق تەدبىر، شۇنداقلا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور ۋەزىپە. بۇلتۇز 9-ئاي گوۋۇيۈەن «ئاتموسفىرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانى»نى بېسىپ تارقاتقاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، تارماقلار تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، نىشان بەلگىلەپ، مېخانىزم بەرپا قىلىپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاتموسفىرا بۇلغىنىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش جەھەتتە يېڭى قەدەم تاشلاپ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققەت-ئېتىبارى ۋە ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. لېكىن ئاتموسفىرا بۇلغىنىشى ئۇزۇن ۋاقىت توپلىنىپ شەكىللگەن بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش خىزمىتىدە دۇچ كېلىدىغان كەسكىن ۋەزىيەتنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، قەتئىي بوشاشماستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش زۆرۈر. دۆلەت ئەھۋالى، ئىلمىي تۈزەش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى مەۋقە قىلىپ، تۇمانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالاھىدە چوڭ شەھەر ۋە رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، PM2.5 ۋە PM10 قاتارلىقلارنى تۈزەشنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلىپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش ۋە چاڭ-توزان پەيدا قىلىش قاتارلىق مۇھىم ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، يىراق-يېقىننى بىرلەشتۈرۈپ، تۈپ يىلتىزىدىن تۈزەشكە پايدىلىق، ئومۇمىي ھالەتكە تۈرتكە بولىدىغان يانداش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئاتموسفىرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى پەيدىنپەي ياخشىلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق خېيىم-خەتىرىنى تۈگىتىش لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر