باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگىلىيە كۈچلۈك بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

2014.02.14 10:09         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىلىيەدىكى كۆپ قىسىم رايونلار 12-فېۋرال كۈچلۈك بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بەزى جايلاردا بوران كۈچى سائىتىگە 170 كىلومېتىرغا يەتكەن. ئەنگىلىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى قىزىل رەڭلىك بوراندىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان.

  ئەنگىلىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋېلشنىڭ شىمالىدىكى ئۆتكۈنچى بوراننىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 170 كىلومېتىرغا يېتىپ، ئىستولبا ۋە دەرەخ ئۆرۈلۈپ كەتكەن. قىسمەن رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە توك توختىغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن رايونلار بىر قانچە كۈندىن بۇيان داۋاملىق كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭغا قارىتا، ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرون كېلەر ھەپتە ئوتتۇرا شەرقتە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، دۆلەتتە قېلىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان.

  ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 12-فېۋرال ئىچكى كابېنت يىغىنى چاقىرىپ، كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. كامىرون يىغىندا كۈچىنىڭ بارىچە خەلقنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا چاقىرغان.

  ئەنگىلىيە مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا كەلگۈسى ئۈچ كۈندە يەنە يامغۇر ياغدىغان بولۇپ، شىمالدىكى رايونلاردا قېلىن قار يېغىشى مۇمكىنكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر