باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«8 بەلگىلىمىنى ھەقىقىي تۆمۈر 8 بەلگىلىمىگە ئايلاندۇرايلى» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىندى

2014.02.14 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ 13-فېۋرالدىكى سانىنىڭ «بۈگۈنكى سۆھبەت» ئىستونىدا، «8 بەلگىلىمىنى ھەقىقىي تۆمۈر 8 بەلگىلىمىگە ئايلاندۇرايلى» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش توغرىسىدىكى 8 بەلگىلىمە تارقىتىلغان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. ئامما مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسى ئەمەلدارلار سورۇنى كېسىلىنى تۈگىتىشنىڭ ياخشى دورىسى بولدى دېيىشتى.

  مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش- ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق ۋەزىپە، ھازىر قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئۇزۇن سەپەر داۋامىدىكى تۇنجى قەدەم، تېخىمۇ جاپالىق خىزمەتلەر تېخى كەينىدە. مېڭىنى باشتىن-ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، «چىڭ تۇرۇش، مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت خەنزۇچە 8 خەتلىك فاڭجېننى مەھكەم ئىگىلەپ، بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسى بىلەن، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك جەڭنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئوبدان قىلىپ، ناچار ئىستىللارنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەدىنى پۇختا يېڭى نەتىجىلەر بىلەن نەقلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر