باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەستايىدىل بولۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈش–يېتەكچىلىك قىلىشتا قاتتىق بولۇپ، 2–تۈركۈمدىكى پائالىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2014.02.14 16:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ 2–تۈركۈمدىكى تەربىيە–ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەكشۈرۈش–يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپا باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

  مېھرىگۈل غوپۇر خەۋىرى: ئاپتونوم رايون 13 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپا باشلىقلىرى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن يۇڭ يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەستايىدىل بولۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ باشلىشى، يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە قانات يايدۇرۇشى، يۇقىرى سۈپەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى، بولۇپمۇ چىڭ تۇتۇش، ئەستايىدىل تۇتۇش، ھەقىقىي ئۇزاققىچە تۇتۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە جەھەتتە تەربىيەگە ئىگە قىلىپ، ئىستىل جەھەتتە ئۆزگەرتىپ، ئاممىغا ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى رازى قىلىشى كېرەك.

  خەن يۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەركەزنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 9 – قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ يولداش ليۇ يۈنشەننىڭ مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پائالىيەتنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، 1 – ھالقىدىكى خىزمەتلەرنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. 1 – تۈركۈمدىكى پائالىيەتنىڭ ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئورۇنلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىش، تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئۆز ئارا تەكشۈرۈش، ئاپتونوم رايوننىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى مەركەزلىك تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سانى كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا كۆپ خىل شەكىلدىكى مەركەزلىك ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  خەن يۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ئەستايىدىل بولۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىشتا قاتتىق بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە تېگىشلىك مەسىلىلەر بايقالغان ھامان ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بېرىشى، ئەسكەرتىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك، شۇنداقلا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئاپتونوم رايونلۇق تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىسىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئىشلەپ، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا يۈز – خاتىر قىلماسلىقى، ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، جايلارنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  رەھبەرلەرنىڭ باشلامچى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرىنچى قول رەھبەرلەرنى تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، بىرىنچى قول رەھبەرلەرنى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ھەقىقىي قاتناشتۇرۇپ، يۇقىرىدىكى رەھبەرلەر تۆۋەندىكى رەھبەرلەرگە باشلامچى بولۇپ، بەنزە ئەزالىرى ۋە باشقا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ۋەزىپىنى سان، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر