باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بۇلتۇر قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى 3 مىليون 200 مىڭ ئادەم / قېتىم داۋالىنىش ياردىمىدىن مەنپەئەتلەندۈردى

2014.02.14 16:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ يىڭچۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايون بۇلتۇر داۋالىنىش ياردىمى دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ‹‹بىر كۆزنەكلىك مۇلازىمەت››نى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالىنىش چىقىمىنى ۋاقتىدا راسچوت قىلغان، پۈتۈن يىلدا جەمئىي 637 مىليون يۈەن شەھەر – يېزا داۋالىنىش ياردىمى مەبلىغى ئاجرىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى 3 مىليون 200 مىڭ ئادەم / قېتىم مەنپەئەتلەندۈرگەن.

  يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇلتۇر داۋالىنىش ياردىمىگە ئاجرىتىلغان مەبلەغ ئەڭ كۆپ بولۇپ، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىمۇ ئەڭ كۆپ بولغان.

  ئاپتونوم رايون 2013 – يىلى شەھەر، يېزا داۋالىنىش ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى 25 تۈردىكى 100 نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئېغىر، ئالاھىدە ئېغىر كېسەللەرگە داۋالىنىش ياردىمى بېرىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالىنىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ھەل قىلدى. تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى داۋالىنىش ياردىمى سىياسىتىدىن بەھىرلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون قان راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى، سۈت بېزى راكى قاتارلىق 20 خىلدىن ئارتۇق كېسەلنى داۋالىنىش ياردىمى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون يەنە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ياردەم بېرىش دائىرىسىنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبېيكىتلىرى، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەردىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان تۆۋەن كىرىملىك ئاغرىقلار، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەر، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىكى ياشانغانلار قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغىچە كېڭەيتتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە راسچوتتا ‹‹بىر كۆزنەكلىك مۇلازىمەت›› يولغا قويۇلغان ناھىيە، شەھەر 73كە يېتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيە، شەھەر ئومۇمىي سانىنىڭ %77ىنى ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر