باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېرىيەدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مۇھىم يوليۇرۇق بەردى

2014.02.13 11:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014- يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 15 دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئاپەت ئەھۋالىغا يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بەردى. ئاپەت ئەھۋالىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى دەرھال قانات يايدۇرۇپ، ئادەم ئۆلۈش، يارلىنىش ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مال مۈلۈك زىينىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭمۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرىقىنى دەرھال يەتكۈزۇپ ، ھەمدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلارنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، خادىملارنى تەشكىللەپ ئاپەت رايونىغا بېرىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئاپەتكە ئۇچۇرغان رايوندىكى ئاممىنىڭ كىيىم-كېچىك، يىمەك - ئىچمىكى، تۇرالغۇ جايىنىڭ بولۇشغا كاپالەتلىك قىلىش، يارىلانغانلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونمۇ نۆۋەتتە خەلق ئىشلىرى بويىچە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش 3-دەرىجىلىك چاقىرىقى لايىھەسىنى يولغا قويدى. ئاپتونوم رايون، خوتەن ۋىلايىتى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوشۇنى ئاپەت بولغان نەق مەيدانغا يېتىپ باردى، ئاپەتتىكى زىيان ئەھۋالى ھازىر يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ئېنىقلىنىۋاتىدۇ .

  بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە مەركىزى كومىتېت سياسى بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ،ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جىددىي يىغىن ئېچىلىپ،ئاپەت ئەھۋالى مەلۇم قىلىندى.خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:دەرھال خەلق ئىشلىرى بويىچە 3 - دەرىجىلىك قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇش لازىم.ئالاقىدار تارماقلار دەرھال ھەرىكەتلىنىپ خادىملارنى ئاپەت بولغان رايونغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلەشكە تەشكىللىشى كېرەك.جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى:ناۋادا يارىلانغانلار بولسا ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇشنى باش نىشان قىلىش كېرەك.ئاپەتكە ئۇچۇرىغان ئاممىنڭ سوغۇقتا توڭلاپ كەتمەسلىكى، يېمەك-ئىچمىكىنىڭ بولۇشىغا ،داۋالىنىشىغا،تۇرىدىغان جايى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككىلەمچى ئاپەتتىن ساقلىنىش لازىم. ئازادلىق ئارمىيە،قوراللىق ساقچى قىسىم ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى پۇختا ئىشلىشى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلارمۇ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددى ئەشيالىرىنى تەييارلاش، بۇزۇلغان ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى،مۇناسىۋەرلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

  مەنبە: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر