باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆتكەن يىلى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 4 دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى

2014.02.14 08:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ياۋ جيەن 13-فېۋرال يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى جۇڭگو بىلەن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 4 دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 40 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2012-يىلىدىكىدىن %13 ئاشتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە سودا مىنىستىرلىقى مال تىرانسپورتى، خادىملار ئالاقىسى قاتارلىق تەرەپلەردىكى سودىغا مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق سودا شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىدۇ؛ خەلق پۇلنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان سودىدا راسچوت قىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا ۋە تۈرلەردە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادى تېخنىكا ھەمكارلىق ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ماشىنا ئۈسكۈنىلەر، يۇقىرى يېڭى تېخنىكلىك مەھسۇلاتلار ئېكىسپورتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېلىمىز بىلەن قازاقىستان، ئۆزبېكىستاننىڭ خام نېفىت، تەبىئىي سودىسىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە مەھسۇلاتلار ئىمپورتىنى كېڭەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر