باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ۋېنگرىيەنىڭ باش مىنستىرى ئوربان بىلەن سۆھبەتلەشتى

2014.02.14 09:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىنستىر لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ۋېنگرىيەنىڭ باش مىنستىرى ئوربان بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ۋېنگرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم، ھەمكارلىق ئىستىقبالى كەڭرى. جۇڭگو ۋېنگرىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. 1- ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق زور تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋېنگرىيە، سېربىيە تۆمۈر يولى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى پىلانلاپ ۋە ياخشى قۇرۇپ، رايون ئۆز-ئارا ئالاقىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. 2-پۇل-مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىدۇ. پۇللارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىدۇ. 3-پەن-تېخنىكا، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ. 4-مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئوربان مۇنداق دېدى: ۋېنگرىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك، پۇل-مۇئامىلە، ساياھەت، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىشىپ، ۋېنگرىيە، سېربىيە تۆمۈر يولى قاتارلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى نۇقتىلىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ. ۋېنگرىيە ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشنى قوللايدۇ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە ياۋروپا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر