باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرى جاڭ گۇاڭشيۇغا جاۋاب خەت يازدى

2014.02.14 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكىتىمىزدىكى ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – فېۋرال تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يەنتەي شەھىرى فۇشەن رايونى فۇشىن كوچا باشقارمىسى لۇشاڭ كەنتىدىكى ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى جاڭ گۇاڭشيۇغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن كېسىلىنىڭ ساقىيىپ، قايتىدىن ئىش ئورنىغا كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى، مەملىكىتىمىزدىكى ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنى قىزغىن سۆيۈپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىقدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، ياش ۋاقتىدا ئامما ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىش قىلىپ، كېيىن پۇشايمان قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلدى. جاۋاب خەتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  يولداش جاڭ گۇاڭشيۇ:

  خېتىڭىزنى تاپشۇرۇۋالدىم، سىزنىڭ ۋە يۇرتداشلارنىڭ بەخت تىلىگەنلىكىڭلارغا رەھمەت. سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئەسلىگە كېلىپ، قايتىدىن ئىش ئورنىغا چىققانلىقىڭىزنى بىلىپ، ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكىڭىزگە تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش، دېھقانلارنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىش، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە باغلىق بولۇپلا قالماي، ئاساسىي قاتلامدىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كادىرلارنىڭ دېھقانلارنى يېتەكلەپ، بوشاشماي تىرىشىشىغا موھتاج. ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نەچچە ئون مىڭ ئىستۇدېنت يېزىلارغا بېرىپ، قىزغىنلىق بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، كىشىلىك قەدىر قىممىتىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇردى. سىلەرنىڭ تارتقان جاپايىڭلارنى ۋە تۆھپەڭلەرنى دېھقانلار ھەممىدىن بەك ھېس قىلدى، مەن ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىش – ئىزلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نۇرغۇن ماتېرىيالنى كۆرۈپ، سىلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىڭلاردىن ۋە نەتىجىلەردىن خۇشال بولدۇم.

  سىزنىڭ ۋە بارلىق ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى قىزغىن سۆيۈپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلىقىنى ئارمانسىز ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خىزمىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، تېنىڭلارنىڭ سالامەت، ئائىلەڭلارنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

  لۇشاڭ كەنتىدىكى يۇرتداشلارغا بايراملىق سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويارسىلەر!

  شى جىنپىڭ

  2014 – يىلى 28 – يانۋار

  ئىگىلىنىشىچە، جاڭ گۇاڭشيۇ 2009 – يىلى 9 – ئايدا لۇشاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئەمەلدارلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان، 2010 – يىلى 9 – ئايدا جىددىي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ، خىزمەتنى ئېسىدىن چىقارمىغان. شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا ئۇ بېيجىڭغا بېرىپ داۋالىنىپ، 2013 – يىلى 6 – ئايدا كەنتكە قايتىپ ئىشقا چۈشكەن. 2014 – يىلى 15 – يانۋار جاڭ گۇاڭشيۇ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسىنى يەردە قويمايدىغانلىقى، تىرىشىپ ئىشلەپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شى جىنپىڭ خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال جاۋاب خەت يازغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر