باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 8–نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4–ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (1)

2014.02.14 15:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2014 – يىلى 8 – فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش چىقاردۇق:

  1. شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  شۇجى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويغان ئاساستا، 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، مالىيە – ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، شۇنىڭدەك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۇڭ ئەيرۇڭنىڭ خىزمەت دوكلاتى 2013 – يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىدى؛ مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى توغرا تونۇپ، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، 2014 – يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى، ‹‹19 – دېكابىر››دىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنىڭ روھىنى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە 2 – تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز پېتى ئۆگىنىشى، قايتا – قايتا سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىشى، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىشى، ئىدىيەۋى تونۇشىنى مەركەز، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ۋەزىيەتكە دائىر ھۆكۈم، ۋەزىپە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر