باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ئارمىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى توغرىسىدا يوليورۇق بەردى

2014.02.14 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئارمىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئارمىيە ۋە قۇراللىق ساقچى قىسىم بىرىنچى تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىجابىي تەجرىبىلەرنى توپلىدى. داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئۆزگەرتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تۈزەش داۋامىدا يەنە ئەۋج ئېلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىرىنچى تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەقىقى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك، سۈپەتلىك قىلىپ، قاتتىق تەلەپنى باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى-تۆۋەننى باشتىن-ئاخىر بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى باشتىن-ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا 1-تۈركۈمىدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن باسقۇچلۇق نەتىجىلەر ۋە پايدىلىق تەجرىبىلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، 1-تۈركۈمدىكى پائالىيەت نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 2-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنى چىڭ تۇتۇشنىڭ «ئۈچ باشتىن-ئاخىر سېڭدۇرۇش، بىر كاپالەتلىك قىلىش»نىڭ ئىدىيە تەدبىرى ۋە نىشان تەلىپى گەۋدىلىك تەكىتلىنىپ، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ تىرىشىش نىشانى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىن ئېتىلدى.

  پۈتۈن ئارمىيە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى، روھى ماھىيەتنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاساسى تەلەپنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكىرىت تەدبىرىنى تەتقىق قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەدبىر يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش، گۈللەندۈرۈشتىكى كۈچلەرنى زورايتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر