باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچ يىلدا تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 4600 دىن كۆپرەك بالىنى داۋالىدى

2014.02.17 16:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا 2011-يىلى بالىلار تۇغما يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش قۇتقۇزۇش تۈرى باھار مايسىسى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالتە نۇقتا قىلىنغان دوختۇرخانا يېشىغا توشىمىغان بوۋاقلاردىن 14 ياشقىچە بولغان تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 5220 بالىنى قوبۇل قىلىپ، 4671 بالىنى ئوپېراتسىيە قىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى دۈەن يۈلىن مۇنداق دېدى: باھار مايسىسى قۇرۇلۇشى شىنجاڭدا تارىختىن بۇيان يولغا قويۇلغان كۆلىمى كەڭ، نەپكە ئېرىشكەن بىمارلار ئەڭ كۆپ، ھەقسىز داۋالاپ قۇتقۇزۇش تۈرى. ھازىر ئۈچ يىلدا تاماملاپ بولىدىغان تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى قۇتقۇزۇش داۋالاش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشتى. 2011-يىلى باھار مايسىسى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىدىكى 22 نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى قاتارىدا رەسمىي يولغا قويۇلدى. ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە شىنجاڭدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ھەقسىز داۋالىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلار تۇغما يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش كاپالەت تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، يېزىلاردىكى بالىلار نۇقتىلىق داۋالىنىدۇ ھەمدە شەھەر بازار ئاھالىلىرى ئىچىدە ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر