باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۈچتۇرپاندا يۈز بەرگەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش تېررورلۇق دېلوسى پاش قىلىندى

2014.02.17 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرى: 16-فېۋرال، ساقچى تەرەپ پۈتۈن كۈچ بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش تېررورلۇق دېلوسىنى پاش قىلدى.

  شىنجاڭ ساقچى دائىرلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەزكۇر دېلونىڭ تەشكىللىك، ئالدىن پىلانلانغان ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ئۈچ يىل ئىلگىرى، ماخمۇتجان توختى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان، بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىدىيەسى بارا-بارا ئەسەبىيلەشكەن. 2013-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، ماخمۇتجان توختى باشچىلىقىدىكى 13 كىشى داۋاملىق يىغىلىپ، تېررولۇق ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ، جىسمانىي ئىقتىدار جەھەتتىن مەشىق ئېلىپ بېرىپ، تېررورلۇق شايكىسى بولۇپ ئۇيۇشقان. بۇ يىل 1-ئايدىن بۇيان، مەزكۇر شايكا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، پارتلىتىش ئەسلىھەلىرى ۋە قىڭراق قاتارلىق نەرسىلەرنى ياسىغان، كۆپ قېتىم پارتلىتىش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، ج خ ئورگانلىرىنىڭ چارىلاش ئاپتوموبىلىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان. 14-چېسلا سائەت 16دە، مەزكۇر شايكىنىڭ ئەزالىرى دېلو سادىر قىلغان ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، پارتلىتىش ئەسلىھەلىرى ۋە قىڭراقلارنى ئېلىپ جىنايەت سادىر قىلغان. ساقچى تەرەپ نەق مەيداندىن ئون نەچچە پارتلىتىش ئەسلىھەسى ۋە قىڭراق، ئاپتوموبىل قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.

  بۇ قېتىمقى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسىدا 2 نەپەر ئامما بىلەن 2 نەپەر خەلق ساقچىسى يارىلانغان، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان 5 دانە ئاپتوموبىل بۇزىۋېتىلگەن. ج خ ساقچىلىرى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا 8 ئادەمنى ئېتىپ تاشلىغان، 1 ئادەمنى تۇتقان. 3 نەپەر جىنايەت گۇماندارى جىنايەت سادىر قىلىش داۋامىدا ئۆزى ياسىغان پارتلىتىش ئەسلىھەسىدە پارتلاپ ئۆلگەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر