باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى:جۇڭخۇا دوختۇرخانا باشقۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ مۇكاپات تارقىتىشىنى تەكشۈرۈشكە ماسلىشىمىز

2014.02.17 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاراتقۇلار پاش قىلغان «جۇڭخۇا دوختۇرخانا باشقۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ» بەلگىلىمىگە خىلاپ باھالاش تەقدىرلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش ۋە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بايلىق توپلاش ۋەقەسى ھەققىدە دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ جەمئىيەت بىزنىڭ كەسىپ باشقۇرۇشىمىزدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات ئەمەس، سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت سېتىسىمىدىكى خادىملارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ماسلىشىمىز.

  2006-يىلى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئىستىل تۈزىتىش ئىشخانىسى قاتارلىق توققۇز تارماقنىڭ «ئۆلچەمگە يەتكەنلەرنى باھالاش تەقدىرلەش پائالىيىتىنى ئېنىقلاش ھەققىدىكى پىكىرىنى» تارقىتىپ، ئۆلچەمگە يەتكەنلەرنى باھالاش تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىغان ئىدى، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: دۆلەتنىڭ ئۆلچەمگە يەتكەنلەرنى باھالاش تەقدىرلەش پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، تۈرلۈك باھالاپ تەقدىرلەش پائالىيىتىنى جەزمەن قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كېرەك. ئاتالمىش «جۇڭخۇا دوختۇرخانا باشقۇرۇش جەمئىيىتى» تارقاتقان جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر دوختۇرخانا باشلىقلىرى، دوختۇرخانا باشقۇرۇشتىكى گەۋدىلىك تۆھپە مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك ئامما رازى بولغان خاتىرجەم بولغان دوختۇر قاتارلىقلارمۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ ئىناۋەتسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر