باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابىشىنزو ياپونىيىنى ئىنتايىن خەتەرلىك يۆنىلىشكە باشلاۋاتىدۇ(1)

2014.02.17 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ داڭلىق رېژىسسورى ئولىۋېر سىتون 16- فېۋرال ۋاشىنگتوندا مۇنداق دېدى: مەن ياپونىيىنىڭ خىروشىما بىلەن ناگاساكىدىكى كۆلىمى كىچىك ئىككى خۇسۇسىي مۇزېيخانىدا، ياپونىيىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ھەققىدىكى باياننى كۆردۈم.ئۇرۇش قاباھىتىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن پېشقەدەم ئەسكەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭدىن چۆچىدىم. ئۇرۇش رەھىمسىزلىكى ياپونىيىنى ئورىۋېلىپ، ھازىرقى ياپونىيە ياشلىرىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى بىلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ. ئاتوم بومبىسى پارتلىغان ئەھۋال ھازىرقى ياپونىيە ياشلىرى بىلمەيدىغان تارىخ، بۇ كۈلكىلىك ئىش ئەمەسمۇ؟

  شۇ كۈنى ئولىۋېر سىتون ۋاشىنگتوندا ئۆزىنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان ئامېرىكا تارىخى دېگەن ھۆججەتلىك فىلىمىنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزى بىلگەن ياپونىيە سىياسىي سەھنىسىدىكى كونا ئىللەت شۇنداقلا تارىخ تەربىيىسىنىڭ ياپونىيە جەمئىيىتىگە بولغان مۇھىملىقى ۋە جىددىيلىكى ئۈستىدە مۇراجەت چىقاردى.

  2013-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ياپونىيىنىڭ ئاتوم بومبىسى پارتلاش خاتىرە كۈنى. ئولىۋېر سىتون تەكلىپكە بىنائەن ياپونىيىنىڭ خىروشىماغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزونىڭ ئوڭچىل سىياسىي قارىشىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلىپ، ياپونىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى پەرقىنى سېلىشتۇرۇپ،گېرمانىيە ئۇرۇشتىكى قىلمىشلىرى ئۇستىدە ئويلاپ ئەپۇ سوراپ،تىنچلىقنىڭ ئەخلاق كۈچىگە ئايلاندى، لېكىن ياپونىيە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى، دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئولىۋېر سىتون يەنە توكيودا چەتئەللىك مۇخبىرلار جەمئىيىتىدە سۆز قىلىپ، ياپونىيە ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قىلمىشلىرى ئۈستىدە ئۈزۈل كېسىل ئەپۇ سورىشى كېرەك دېدى.

  ئاسىيادىكى خەلق ئولىۋېر سىتوننىڭ خىروشىما بىلەن توكيودىكى نۇتۇقىغا دىققەت قىلدى. ئولىۋېر سىتوننىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسى ئۆزىنىڭ ۋيېتنام ئۇرۇشىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتلىرى بىلەن ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىن. ئولىۋېر سىتون مۇتەئەسسىپ جەمەتتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدى. ئۇ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەسكەر بولۇپ ۋيېتنامغا ئەۋەتىلدى. دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن ھەققانىي ۋىجدان ئارىسىدا تەڭقىسلىقتا قالغان ئولىۋېر سىتون بىر مەھەل ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى ئويلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇرۇش مەن ھاياتىمدا بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئەڭ قاباھەتلىك كۈن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر